باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 837 مىليون يۈەن كۈتۈۋېلىش خىراجىتى ۋەقەسى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىندى

2013.10.22 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چياڭ ۋېيدۇڭ 21-چېسلا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 800 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كەسپىي كۈتۈۋېلىش خىراجىتىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. چياۋ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈتۈۋېلىش خىراجىتى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، لېكىن تالون كېسىش قېلىپلاشمىغان بولۇش، ئاتچوت تەرتىپى چىڭ بولماسلىق، بوغالتىرلىق ھېساب تۈرىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ ساقلانغانلىقىنى ئېنىقلاندى. ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلىرى تەكشۈرۈلۈپ، 57 كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەندى، 8 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلدى، بىر كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، رويخەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىسى ۋە ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچى خادىمى ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ، 2012-يىلى ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇشقا سالغان مەبلىغى 790 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، دۆلىتىمىزنى ۋە دۇنيادىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان. بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى 2012-يىللىق كەسپىي كۈتۈۋېلىش خىراجىتىنىڭ 837 مىليون يۈەن بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا جەمئىيەتتە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغالغان. (بەي تيەنلياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر