باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ئەمگەك كۈچى ئازىيىشقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ

2013.10.22 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بېيجىڭ گېزىتى خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈشتە كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشلا مەقسەت قىلىنغان ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىم ئارقا كۆرۈنۈش شۇكى، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىدىن كۆپىدىغان ئەمگەك كۈچى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.

  خۇ شياۋيى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» ناملىق جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرى چاي سۆھبەت يىغىنىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئېيتتى. ئۇ «پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈش» دۆلەتنىڭ يولغا قويۇش ئالدىدا تۇرغان يېڭى سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر سۆزىدىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ «پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈش»كە قوللاش پوزىتسىيەسى تۇتىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

  ئۆتكەن ھەپتە، كۈتۈنۈش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئالىي لايىھەسىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىجتىمائىي كاپالەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور جېڭ بىڭۋېن يېڭى بېيجىڭ گېزىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈش ھامىنى بولىدىغان ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە (بۇ سىياسەت) قانچە بالدۇر يولغا قويۇلسا شۇنچە ياخشى. (ۋېي مىڭيەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر