باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9 ئۆلكە ــ شەھەر ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشتا دەرھال ئاتچوت قىلىشنى سىناق قىلىشقا باشلىدى

ئۇنى 2015-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە كېڭەيتمەكچى

2013.10.21 18:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن داۋالىنىش ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باشقا جايدا داۋالىنىپ دەرھال ئاتچوت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش--ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم مۈشكۈل بىر خىزمەت، ئۇنى تۈزۈم-سىياسەت، ئۇچۇر سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل دۆلىتىمىز قىسمەن ئۆلكە-شەھەرلەردە ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشتا دەرھال ئاتچوت قىلىشنى سىناق قىلىدۇ. نۆۋەتتە، جايلار ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىشتا دەرھال ئاتچوت قىلىشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. 8 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بۇ نىشان ئىشقا ئاشتى. دۆلەت يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئۇچۇر سۇپىسى يېقىندا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا چۈشتى ھەمدە بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، جياڭسۇ، ئەنخۇي، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، خەينەن قاتارلىق 9 ئۆلكە دەرىجىلىك سۇپا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقانلار بۇ سۇپا ئارقىلىق باشقا جايدا داۋالانغاندا دەرھال ئاتچوت قىلالايدى.

  داۋالىنىش ئىسلاھاتىنىڭ 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، 2015-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزدە ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا داۋالانغاندا دەرھال ئاتچوت قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشىدۇ، ئۆلكە ئاتلاپ داۋالانغاندا دەرھال ئاتچوت قىلىش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر