باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى تارىيىدۇ

23 ئۆلكىنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى تەڭشىلىدۇ

2013.10.21 18:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بېيجىڭ مائارىپ ئىمتىھان ئىنىستىتۇتى يېقىندا ئېلان قىلغان 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرسا بولىدىكەن.

  9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش- ئىمتىھان ئېلىش تارماقلىرى 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقىنى شۇكى، 2014-يىلىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى تەڭشىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار. ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك تەڭشەش ئاساسلىقى ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشكەن: نومۇر قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە تۈرنى ئازايتىش.

  ئۇقتۇرۇشتا ئىككى تۈر تەڭشىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان: بىرىنچىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەنلىرى بويىچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن بىر قىسىم پەن-تېخنىكا تۈرى مۇسابىقىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان تۈرى، مەملىكەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە پەن-تېخنىكا مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئالغانلارنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىلىش سالاھىيىتىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى، نومۇر قوشۇپ بېرىشكە بولىدىغان تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان تۈر ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 تۈر بولۇپ، ئۇ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بەلگىلەپ ئېتىراپ قىلىنىدىغان 8 تۈر بىلەن ھەرقايسى ئۆلكە (شەھەر) ئۆزى تاللىغان 2 تۈردىن تەشكىل تاپىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر