باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۇ جىشاڭغا مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

2013.10.21 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ پىڭنىڭ 19 – ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتخانىسىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، باشلىقى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، شەھەر سەھەر ئىستېمالى گېزىتخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى، شىنجاڭ ‹‹شىنۋېن›› تاراتقۇ مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى، شىنجاڭ ‹‹جىنرىسۇڭ›› تور تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى سۇ جىشاڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ دېلونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرغان ھەم ئەيىبلىگەن. ئەيىبنامىدە جاۋابكار سۇ جىشاڭ دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، قانۇننى كۆزگە ئىلماي، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ساختا مۇكاپات دوكلاتى ئويدۇرۇپ چىقىش، ئىدارىنىڭ كىرىمىنى تۇتۇپ قېلىش، ساختا تالوندىن پايدىلىنىپ ھېساباتنى ئۇدۇللاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئالتە قېتىمدا ئومۇمنىڭ 3 مىليون 720 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى يۇتۇۋالغان؛ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، 21 قېتىم باشقىلارنىڭ قىممىتى 4 مىليون 180 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مال – مۈلۈكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان؛ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇمنىڭ 32 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى تىجارەتكە ئىشلەتكەن؛ جىنايەت ئۆتكۈزگەن سوممىسى ناھايىتى زور.

  2012 – يىلى 1 – ئاپرېل سۇ جىشاڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە چېتىشلىق، دېگەن گۇمان بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش قارار قىلىنغان، شۇ يىلى 12 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى قارار قىلغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇ يىل 29 – ماي سۇ جىشاڭنىڭ كۆپ سوممىلىق خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئاشكارا سوتلانغان.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر