خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاغىلىق ناھىيەسى بەشئېرىق يېزى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانارچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، پەن-تېخنىكا بويچە باشقۇرۇش، چاتاش، كۆمۈش قاتارلىق تېخنىكىلىك ئىشلارنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازار ئۇچۇرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى شەرىپىگە ئېرىشكەن «دانكى» ئانارى ۋە چوڭ ئۇرۇقلۇق تاتلىق ئانارىنىڭ باغ كۆلىمىنى 30مىڭ موغا، مىۋىگە كىرگەن باغ كۆلىمىنى 26مىڭ 500 موغا يەتكۈزدى. ھەر يىلى 6-ئايدا ئوتقاشتەك قىزارغان «ئانار» چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلغاندا، قاغىلىق ناھىيەسى بۇ يېزىنىڭ تۆۋەن ئوراڭ كەنتىدە «ئانار چېچەك بايرىمى» ئۆتكۈزۈپ، قاغىلىق ئانارىنىڭ داڭقىنى چىقاردى. بەشئېرىق يېزا دېھقانلىرى بۇ يىل ئاناردىن 11مىڭ توننا ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمى 77مىليون يۈەنگە يېتىپ، ھەر بىر نوپۇسقا 3178يۈەندىن توغرا كەلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇساجان ياسىن،پاتەمنىسا مەخمۇت خەۋىرى ۋە فوتوسى)
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى