باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۆت نەپەر مىسىردا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلدى، ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە ۋەقە يۈز بەرگەندە دېڭىزدا كۈچلۈك دۇلقۇن كۆتۈرۈلىۋاتقانىكەن

2013.10.21 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خادىمىنىڭ 20-چېسلا ئىسپاتلىشىچە، تۆت نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى يېقىندا مىسىرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى شەھەر مەترۇھ پورتىدا چۆمۈلۈۋاتقاندا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن.

  جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ مەترۇھ پورتىغا بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسلىھەتچى خادىمى شۈ جىتيەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا قازا قىلغان تۆت نەپەر جۇڭگولۇقنىڭ يېڭى توي قىلغان ئەر ـ ئاياللار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئىككەيلەننىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، يەنە بىرەيلەننىڭ ئەزھەر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتقان. تۆتەيلەن قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مەترۇھ ئۆلكىسىگە ئوينىغىلى بېرىپ، 18-چېسلا مەترۇھ پورتى دېڭىز ساھىلىدا سۇغا چۆمۈلۈۋاتقاندا تۇنجۇقۇپ قالغان.

  شۈ جىتيەن مۇنداق دېدى: يەرلىكتىكى ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى دېڭىزدا دولقۇن كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى سۇغا چۆمۈلۈۋاتقاندا دولقۇن ئۇلارنى دېڭىزغا ئەكىرىپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ قالغانىكەن.



مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر