خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئۆكتەبىر، جۇڭگونىڭ لىبېرىيەگە بېرىپ تىنچلىق ساقلاش-زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش تۇنجى تارماق ساقچى قىسىمى پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومىدىن يولغا چىقىپ، لىبېرىيەدىكى ۋەزىپە رايونىغا بېرىپ، 8 ئايلىق تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ماڭدى. بۇ جۇڭگو ب د ت نىڭ ئافرىقا ۋەزىپە رايونىغا تىنچلىق ساقلاش-زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش بويىچە تۇنجى قېتىم ئەۋەتكەن ساقچى قىسىم.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ لىبېرىيەگە ئەۋەتكەن تىنچلىق ساقلاش-زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ساقچى قىسىمى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 140 نەپەر ئەزادىن تەركىپ تاپقان.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر