باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

«پۇشايمان دورىسى» رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن

2013.10.09 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «گۈزەل قەلىبنىڭ مەڭگۈلۈك ئاپتىپى» دىگەن فىلىمدىكى كۆرۈنۈش

  كونىلاردا «يىلاندىن قورىققان، ئارغامچىدىنمۇ قورقۇپتۇ» دېگەن سۆز بار، ئەمما بىر تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بۇ خىل ھادىسىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تەبئى پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى، تەجىربە ئارقىلىق بىر خىل خاتىرىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدىغان گېن Tet1نى بايقىغان. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر بۇ خىل گېننىڭ ھەركەت ئىقتىدارىنى كېڭەيتىدىغان ئۇسۇل تېپىپ چىقىلسا، «قورقۇش كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا خوش خەۋەر ئېلىپ كەلگىلى، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن.

  ماسسا چۇسېتس تەبئى پەنلەر ئىنىستىتۇتى ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار «خاتىرىنى ئۆچۈرۈش» جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر خىل گېننى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، بۇ جەرياندا يېڭى خاتىرىلەر كونا خاتىرىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. بۇ خىل «خاتىرىنى ئۆچۈرۈش» ئىقتىدارىغا ئىگە گېن Tet1، كىشىگە كېرري بىلەن ۋىنسلېت بىرلىكتە رول ئالغان «گۈزەل قەلىبنىڭ مەڭگۈلۈك ئاپتىپى» دىگەن كىنودىكى مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئەسلىتىدىكەن. يېڭى خاتىرە كونا خاتىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ۋاقىتتا پەيدا بولىدىغان جەريان، خاتىرىنى تىزگىنلەيدىغان، ھەتتا پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋېتىدىغان باسقۇچنىڭ مۇھىم ھالقىسى دەپ قارىلىدىكەن، كىنودىكى خاتىرىنى ئۆچۈرىۋېتىدىغان تەپسىلاتلار رېئاللىققا ئايلانغان.

  بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتىدە، ئالىملار Tet1گېنى نورمال ۋە بۇ خىل گېنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىككى گۇرۇپپا چاشقاندا سىناق ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش ھەركىتىگە قارىتا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئۇلار ھەر قېتىم بۇ ئىككى گۇرۇپپا چاشقاننى بىر قەپەسكە سۇلاپ، ئۇلارنى تۆۋەن بېسىملىق توك بىلەن سوققان، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، چاشقانلاردا قەپەستىن قورقۇش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى گۇرۇپپا چاشقانلارنىڭ ئىپادىسى ئوخشاش بولمىغان.

  Tet1 گېنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چاشقانلارنىڭ قەپەسكە بولغان ئىنكاسى، نورمال چاشقانلارنىڭكىدىن پەرىقلەنمىگەن. ئەمما تەتقىقاتچى خادىملار ئۇلارنى توك سوقۇش ئېلىپ بېرىلمىغان ئوخشاش بىر قەپەسكە سولىغان ۋاقىتتا، ئىككى گۇرۇپپا چاشقانلارنىڭ ھەركىتىدە ئوخشىماسلىق كۆرۈلگەن. ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغىنى، Tet1گېنى بار چاشقانلار قەپەستىن زادىلا قۇرىقمىغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغرىش خاتىرىسىنى يېڭى خاتىرە ئىگىلىگەن. Tet1گېنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چاشقانلارنىڭ خاتىرىسى يەنىلا مەۋجۇت بولغاچقا، توك سوققان ۋاقىتتىكى ئازاپلىق خاتىرىسى ئۆچۈرىۋېتىلمىگەن. بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگۈچى، ماسساچۇسېتس تەبئى پەنلەر ئىنىستىتۇتىدىكى دوكتۇر ئاشتى لودېنك بىر پارچە باياناتىدا، «ئۇلارغا قارىتا قايتا نورمال ئۈگىتىش ئېلىپ بېرىلمىدى، ئۇلار خۇددى چەكلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى، كونا خاتىرىلىرىنىمۇ ئۆچۈرىۋېتىشكە ئامالسىز ئىدى» دېگەن.

  بۇ تەتقىقاتچىلار ھايۋانات ئۈستىدە تەجىربە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇلار Tet1گېنىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتەلەيدىغان ئامال تاپالىسا، بۇرۇقتۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ۋە يارىلانغانلىقتىن داۋالىنىپ ساقايغان كېيىن پىسخىك توسالغۇغا گىرىپتار بولغان بىمارلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ئازاپلىق ئەسلىمىلەردىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لودېنك: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، Tet1گېنىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئەڭ مۇمكىنچىلىكى بار ئامال بولسا، مەلۇم خىل دورا ئىشلىتىش، مەسىلەن: بۇرۇنقىدەكلا بىزنىڭ داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ياسىشىمىزغا ئېھتىياجلىق ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا قاتارلىقلار، ئەمما بۇ خىلدىكى كاتالىزاتورنى يەنىلا پەرىقلەندۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ» دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر