باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ھىندىنوزىيىلىك بىر ئايالغا بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆچكە ساقال ھەم مەيدە تۈكى چىققان

2013.09.29 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەيۋەن دوڭسېن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نورمال ئەھۋالدا، ئەرلەرگە ساقال ئۆسىدۇ. لېكىن ھېندىنوزىيىلىك بىر ئايال 25 ياش ۋاقتىدا تۇنجى بالىسىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچكىنىڭكىدەك ساقال ھەم مەيدە تۈكى چىققان. ئايال بالىسىنىڭ بۇ سەۋەبلىك باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىشكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 19 يىلدىن بۇيان يۈزىنى ئېتىپ يۈرۈپ، يېقىندىلا يۈرەكلىك ھالدا چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىنى قوبۇل قىلغان.

  بۇ ئايال نۇرغۇن قېتىم ساقىلى ۋە مەيدە تۈكىنى كېسىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ئىكەن. لېكىن بۇ جەريان تولىمۇ ئازابلىق بولۇپ، كەسكىچە قاتتىق ئاغرىيدىكەن ھەمدە قىلچىمۇ ئۈنۈم كۆرۈلمىگەچكە، ئۇلارنى ئۆسۈشكە قويىۋېتىپتۇ.

  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قېتىم باشقىلار ئۇنىڭ غەلىتە چىرايىنى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ چوڭ قىزىنى مازاق قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشىنى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ چىرايىنى قوبۇل قىلىشىنى، شۇنداقلا، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلىپ، يېقىندا چۈم پەردىسىنى ئېلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر