باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرى ئاپتوموبىل ھەيدىسە، دەررە يەيدۇ

2013.10.08 15:48         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى چەكلەشتە قەتئىي چىڭ تۇردى، خىلاپلىق قىلغانلارغا ئېغىر دەررە جازاسى بېرىلىدۇ.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان يەرلىك دائىرىلىرى ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە يول قويۇلسا، تېنىنى سېتىش، ھەمجىنىسلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى، ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى يەنىلا قاتتىق چەكلەۋېتىپتۇ. بۇ ئىش يەرلىك ۋە خەلقئارا ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپتۇ. سەئۇدى خەلىپىسى Salah al-Luhaydan نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ چەكلەش بۇيرۇقى ئەخلاقنى كۆزدە تۇتۇپلا قالماي، يەنە سالامەتلىكنىمۇ چىقىش قىلغان ئىكەن، ئاياللار ئاپتوموبىل ھەيدىسە تۇخۇمدان ۋە داس سۆڭىكىگە زىيانلىق ئىكەن، تۇغقان بالىسى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن، بۇ كلىنىكىدا تەتقىق قىلىنىپ ئىسپاتلانغان ئىكەن.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان 1932-يىلىدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقىشىنى مەنئى قىلغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار 10 دىن تۆۋەن دەررە يېيىشتەك ئېغىر جازاغا تارتىلىدىكەن، بىراق جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەردىن مىسىر ۋە لىۋان بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىۋەتكەن، ھازىر پۈتۈن يەر شارى بويىچە پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستانلا ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە يول قويماي، خەلقئارا ئاياللار ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر