باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئىستىل ياخشىلاشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ

2013.09.30 17:35         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ يۈنمېي خەۋىرى: ئاپتونوم رايون پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون تەسىس قىلىش، ئاشكارا ۋەدە بېرىش، ياخشىلاش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش، مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىقىش، ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يوشۇرۇن زىيارەت گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كۆزنەك، مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا زىيارەت ئەھۋالىنى ئەينەن ئىنكاس قىلدى، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تۇنجى تۈركۈمدە قانات يايدۇرغان تارماقلار، ئورۇنلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تارماقلار، ئورۇنلاردىن مەسىلىلەرنى پائال ئىزدەپ، سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، كۆزنەك، مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چېڭىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ھازىرغىچە، يوشۇرۇن زىيارەت گۇرۇپپىسى 11 مۇلازىمەت زالى، 16 مۇلازىمەت كۆزنىكى، ئىككى ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى شىركەتنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلدى. ئىش بېجىرگەن 48 كىشىنى ئىز قوغلاپ كۆزەتتى ۋە ئەھۋال سۈرۈشتۈردى. ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاشكارىلىماسلىق، مەمۇرىي تەستىق ھالقىسى زىيادە كۆپ بولۇش، خەلققە ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىش مۇلازىمىتى ۋە تەدبىرلىرى ئاز بولۇشتەك ئىستىل مەسىلىسىدىن 12 نى تېپىپ چىقىپ، توققۇزىنى تۈ زەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يەنە قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون تەسىس قىلدى ھەم ‹‹تەڭرىتاغ تورى›› بىلەن ‹‹كوئېنلون تورى››دا ئېلخەت ئېچىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ تارماقلار، ئورۇنلارغا پىكىر بېرىشىنى سەمىمىي تەلەپ قىلدى. ھازىرغىچە تېلېفون، ئېلخەت، ئاممىنى كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق سىياسىدا قەتئىي بولۇش ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا ئالاقىدار 47 پىكىر – تەكلىپنى قوبۇل قىلدى ۋە رەتلىدى.

  پائالىيەتتە تاراتقۇلارنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاشكارا ۋەدە مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىنىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تۇنجى تۈركۈمدە قانات يايدۇرغان ئورۇنلارنىڭ ئىستىل ياخشىلاش ھەققىدىكى ۋەدىسى ئېلان قىلىندى. ھازىر 11 تارماق، ئورۇن 135 تۈرلۈك ئىشتا ئاشكارا ۋەدە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر