- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى: دۆلىتىمىز شەھەر-يېزا داۋالاش ياردىمىگە جەمئىي 9 مىليارد 430 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى
2013.10.08 22:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئىجتىمائىي ياردەم مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2009-يىلى دۆلەت يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلىغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاساسىي داۋالاش كاپالەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولغان شەھەر-يېزا داۋالاش ياردىمى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. 2013-يىلى 6-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزدە جەمئىي 38 مىليون 200 مىڭ ئادەم-قېتىم داۋالاش ياردىمى ئېلىپ بېرىلدى، جەمئىي چىقىم قىلىنغان مەبلەغ 9 مىليارت 430 مىليون يۈەن بولۇپ، سىياسەت دائىرىسىدىكى ئۆز خىراجىتى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا بولغان ياردەم نىسبىتى %55 تىن ئاشتى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر