- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
لوندوننىڭ تمېس دەرياسىدا بىر ساياھەت پاراخوتىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى
2013.09.30 17:30 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 29-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 29-سېنتەبىر چۈشتە ، 30 ساياھەتچى ئولتۇرغان ‹‹قوش ماكانلىق ›› ساياھەت پاراخوتى لوندون تېمس دەرياسىدىكى رامباس كۆۋرۈكى ئەتراپىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن ، پاراخوتتىكى ساياھەتچىلەر ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دەرياغا سەكرىگەن ، كېيىن بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر پاراخوت ساياھەتچىلەر ۋە پاراخوت خادىملىرىنى قۇتقۇزۋالغان .
لوندون داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، يەتتە يولۇچىنى ئىس ئېلىپ قويغاچقا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ ، بۇنىڭدىن باشقا يېنىك يارىلانغان ئىككى يولۇچىمۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ . ۋەقە يۈز بەرگەن پاراخوتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى گوللاندىيە ، شىۋىتسىيە ۋە برازىلىيەدىن كەلگەن . نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر