باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى شەخسىيەتسىز ۋە قورقماس جاسارەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك

2013.09.30 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

  لى شىڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 28 – سېنتەبىردىن 29 – سېنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى. نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ‹‹بىرىنچى قول رەھبەر›› نىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى شەخسىيەتسىز ۋە قورقماس جاسارەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، يۈزخاتىر قىلماي ئەيىبنى ئاچىدىغان جاسارەت كۈچى ۋە ھەقىقىي تۇتۇشالايدىغان روھ بىلەن، نېگىزىدىن چوڭقۇر قېزىش، روھىيەتكە تېگەلەيدىغان پوزىتسىيە بىلەن دەرھال بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىش ياساش، ھەقىقىي بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىش ياساشتەك ئۈنۈم ئارقىلىق، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى خۇ كەيجياڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش دوكلاتى بەردى، بەنزە ئەزالىرى بەنزىگە تەنقىدىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم تەنقىدلەش ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىدلەشنى قانات يايدۇردى. ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ‹‹خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش›› باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىدا كۈچلۈك بولماسلىق ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› قاتارلىق جەھەتتىن تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  شەكىلۋازلىق جەھەتتە: ئۆگىنىش تەشەببۇسكارلىقى كۈچلۈك ئەمەس، تاقابىل تۇرۇش، شەكىلۋازلىق قىلىش ئىدىيەسى مەۋجۇت، تولۇق چۈشىنىشكە تىرىشمايدۇ، سىياسەت بېكىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىش يېتەرلىك ئەمەس، بۆلۈم، شەخسنىڭ ئوبرازى ئۈچۈن كۈچەش ئەھۋاللىرى بار؛

  بىيۇروكراتلىق جەھەتتە: مەنسەپچىلىك ئىدىيەسى مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇت، كارخانىلارغا تەلەپ قويۇپلا، يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. بىر قىسىم بەنزە ئەزالىرى باشقىلارنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلاردا باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى كەمچىل؛

  راھەتپەرەسلىك جەھەتتە: جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى ئاجىز، بىر قىسىم بەنزە ئەزالىرى نوقۇل ئوبيېكتىپ مۇھىتنى ياخشىلاشنىلا تەكىتلەپ، ئەۋزەل شارائىت قوغلىشىپ، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىدۇ؛

  ئىسراپخورلۇق قىلىپ راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش جەھەتتە: ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىققا ئەھمىيەت بېرىش ئەھۋالى مەۋجۇت، ئىنتىزامچان بولۇش ئېڭى ئاجىز؛

  ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇبەيدۇللا خاسېيىن ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى توغرىسىدا پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم تەدبىرلەرنى ئۆزگەرتىش، قائىدە – تۈزۈم ئورنىتىش ھالقىسىدىكى مۇھىم خىزمەتلەر توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بىر كىشىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆمۈرلۈك ئىش، ئۆگىنىشنى كۈچەيتكەندىلا، نەزەرىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىدا ھەقىقىي مۇستەھكەم بولغىلى، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە كوممۇنىستلارنىڭ غايە – ئېتىقادىنى باشتىن – ئاخىر چىڭ ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشنى قويۇۋەتمەسلىك›› تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹يامان ئەمەس››، ‹‹قەدىر ئەھۋال››، ‹‹بىر ئامال قىلىش›› قاتارلىق خاتا پىسخىكىلىق ھالەتنى قەتئىي يېڭىپ، ‹‹تۆت خىل ئىستىل›› مەسىلىسىنى بوشاشماي، داۋاملىق ھەل قىلىپ، ھەقىقىي ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ ئوچۇق – ئاشكارا پائالىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى قۇسۇر تېپىشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا قەلب سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەقىقىي مەسىلىنى تېپىپ، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە پۇختا ئاممىۋى ئاساس سالغىلى بولىدۇ؛ تەكشۈرگەچ ئۆزگەرتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزگەرتىش، ھەقىقىي بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىش ياساشتا چىڭ تۇرۇپ، پائالىيەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ھەقىقىي، ئەسقاتىدىغان چارە ئارقىلىق كارخانا ۋە ئامما ئىنكاس قىلغان قىزىق نۇقتا، كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلىش، ھەم يىراققا نەزەر سېلىپ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك ئۆزگەرتىش تەدبىرى ئارقىلىق، كادىرلار، ئاممىغا ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆرسىتىش كېرەك؛ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەچ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك قائىدە – تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىلگىرىكى تۈزۈم، بەلگىلىمىلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئارقىلىق چەكلەشنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك؛ ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىگە دەخلى قىلماسلىق، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› تە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتە تىرىشپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر