باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بېيچۈەندە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2013.09.30 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق چىقىرىپ، پارتىيلىك كادىرلارنى پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ياخشى كادىر يولداش لەن خۈيدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يولداش لەنخۈي ھايات چېغىدا خىزمەت ئىشلىگەن ۋە تۇرمۇش كەچۈرگەن ميەنياڭنىڭ بېيچۈەندە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. 24-سېنتەبىر بېيچۈەن ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا سىچۈەن ئۆلكىسى ميەنياڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى، بېيچۈەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ليۇ شاۋمىن مۇنداق دېدى: يولداش لەنخۈينىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، لەنخۈيدىن ئۆگىنىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  لەنخۈينىڭ ئىش ئىزلىرى بېيچۈەننىڭ «ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل ئىناق سىچۈەن بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى تەلىم تەربىيە پائالىيىتى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ تىپىك مىسالى ۋە جانلىق ماتىريالى. پۈتۈن ناھىيىدىكى كادىر ۋە ئامما ئارىسىدا «لەنخۈينىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش، لەنخۈي روھىنى نۇرلاندۇرۇش، لەنخۈيدەك كادىر بولۇش» قىزغىن دولقۇنى قوزغالدى.

  بېيچۈەندە «ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەت» قانات يايدۇرۇلۇپ، مەخسۇس لەنخۈيدىن ئۆگەندى. بىرىنچى، «لەنخۈيدەك ياخشى كادىر بولۇش» ئالماشتۇرۇش مۇزاكىرە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، بېيچۈەندىكى ھەر قايسى يېزا بازار، تارماقلار، ئورۇنلار «لەنخۈيدەك ياخشى كادىر بولۇشقا تىرىشايلى» دېگەن تېمىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇزاكىرىسىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، يولداش لەنخۈيدىن ئۆگىنىش باش تېمىسىدا پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، يولداش لەنخۈينىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىپ، يولداش لەنخۈيدىن ئۆگىنىش تەسىرات ماقالىسىنى يازدى. ئىككىنچى، «لەنخۈيدەك ياخشى كادىرنى ئىزدەش» پائالىيتىنى قانات يايدۇردى. كەسىپ تەرەققىياتىدا ئالدىنقى قاتاردا ماڭغان، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشنىڭ 1-سېپى قاتارلىق پۈتۈن ناھىيىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تەبئىي ئاپەتلەردە بىر تۈركۈم خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، پاك ۋە ئىقتىسادچىل، ئالىجاناپ خىسلەتكە ئىگە ياخشى كادىرلار بايقالدى ۋە تەقدىرلەندى. ئىلغار تىپلارنىڭ رولى تولۇق جارىي قىلدۇرۇلدى. ئۈچىنچى، «لەنخۈيدەك ياخشى كادىرلارنى تەشۋىق قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇلدى. ئىلغار تىپلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، «يولداش لەنخۈيدىن ئۆگىنىش» پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈنۈملەر تەشۋىق قىلىندى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بەش كىشىدىن تەشكىللەنگەن يولداش لەنخۈينىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش دوكىلات ئۆمىكى ميەنياڭنىڭ بىر قانچە ناھىيىسىدە، ھەر قايسى ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتا، ئوخشاش بولمىغان تەرەپتىن يولداش لەنخۈينىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدى. 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دوكىلات ئۆمىكى ميەنياڭنىڭ ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلىرى ۋە كەسىپ سېستىمىلىرىدا 24 مەيدان سەييارە دوكىلات بەردى، 24 قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. 13 مىڭ 600 دىن ئارتۇق پارتىيىلىك كادىر دوكىلات يىغىنىغا بىۋاستە قاتناشتى؛ سەييارە دوكىلات بېرىش ئارقىلىق، ميەنياڭ شەھىرىدە يولداش لەنخۈيدىن ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدە چوڭقۇر، ئىجابىي تەسىر قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر