- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
3-ئۆكتەبىردىن باشلاپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىدۇ ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە نۇرغۇن جايلاردا ھۆل-يىغىن كۆرۈلىدۇ
2013.09.30 17:28 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە سىرتقا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ، بايرام مەزگەلىدىكى ھاۋارايى ئەھۋالى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن . 29-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى .
مۆلچەرلىنىشىچە ، 2013-يىللىق دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن . 3-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە تارباغاتاي ، ئالتاي قاتارلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر ، قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن ؛ 5-ئۆكتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالى ، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ، قومۇلنىڭ شىمالى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن ، تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، ئالتاي ، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىرو ئۈششۈكى كۆرۈلىدىكەن ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، ئالتاي ، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى ، شامال ئېغىزلىرىدا 8 ~ 9 بال بوران چىقىپ ، تېمپېراتۇرا ℃8 ئەتراپىدا ، قىسمەن جايلاردا℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن .
ئۈرۈمچىدە 1-ئۆكتەبىردىن 2-ئۆكتەبىرگىچە ، ھەر قايسى رايونلاردا ھاۋا ياخشى بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشىچە ، 3-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن . سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە ، 4-ئۆكتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە ، ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن ، شەھەر رايونى ، مىچۈەن -كۆكتاغ رايونىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى يوقىرىقى تاغ ( نەنسەن ) دا يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن . 6-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە ، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدىكەن، تېمپېراتۇرا ئازراق ئۆرلەيدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر