باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشىدىكى «ئۆي ھەدىسى» گۇڭ ئەيئەيگە 1-سوتتا 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

2013.09.30 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، شەنشى ئۆلكىسى جىڭبيەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى «ئۆي ھەدىسى» گۇڭ ئەيئەي دېلوسى ئۈستىدە 1-سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم چىقاردى، «ئۆي ھەدىسى» گۇڭ ئەيئەي دۆلەت ئورگىنى كىنىشكىسىنى يالغاندىن ياساش، ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، قانۇن بويىچە 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. گۇڭ ئەيئەي سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش-سۇنماسلىق توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىدى.

  ئىلگىرى، گۇڭ ئەيئەينىڭ شەنشى ۋە بېيجىڭدا كۆپ نوپۇسىنىڭ بارلىقى ھەمدە بېيجىڭدا ئومۇمىي كۆلىمى 9666.6 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان 41 يۈرۈش ئۆيى بارلىقى ئېنىقلانغان. 24-چېسلا سوت ئېچىلغاندا، تەپتىش تارماقلىرى سوت مەھكىمىسىگە گۇڭ ئەيئەيگە 2 يىل 6 ئايدىن 3 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغان. (تۇڭ زۇڭلى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر