باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 10 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى پىكرىنى قايتۇردى

مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى

2013.09.29 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرى: بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، مەركەزنىڭ 10 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئىچكى موڭغۇل، جياڭشى، خۇبېي، چۇڭچىڭ، گۇيجوۋ، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو نەشرىياتچىلىق گۇرۇھلىرىنى كۆزەتتى. ھازىر، كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى كۆزىتىلگەن ئورۇنلارغا پىكرىنى قايتۇردى، مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، يىڭى بىر نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىدە مۇنداق تۆت مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنگەن: بىرىنچى، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چۆرىدەپ، رەھبىرىي كادىرلاردا ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، خايانەتچىلىك-پارىخورلۇق قىلىش، چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشتەك قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى كۈچەپ بايقالدى؛ ئىككىنچى، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكىراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇق مەسىلىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى كۈچەپ بايقالدى؛ ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى كۈچەپ بايقالدى؛ تۆتىنچى ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى كۈچەپ بايقالدى. بۇ قېتىمقى كۆزىتىشتە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەلۇم قىلىش ئىشىمۇ ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر