باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ
بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى

2013.09.29 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ 2013ــ2017-يىللىق يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۇنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى ۋە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «پىلان»دا كادىرلارنى تەربىيەلەش يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىكى باشلامچى، ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سۈرۈشتە ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغان ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

  «پىلان»دا كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ نىشان ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزىرىيە سىستېمىسىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، نەزىرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش، پارتىيىۋىلىك تەربىيەسى بېرىش، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش ۋە بىلىم يېڭىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ كادىرلارنىڭ غايە ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىش، نەزىرىيە جەھەتتە تەربىيىلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، پارتىيىۋىلىك تەربىلىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، خىزمەت ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، ئەخلاق-ساپا ۋە ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىنى روشەن ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈركە بولۇش رولىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىسلاھاتى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ جۇشقۇن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان جۇڭگوچە سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر