باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى «يەرلىك قەرز ئاز كەم بىر قاتلاندى» دېگەن خەۋەر ئەينەن ئەمەس، دېدى

2013.09.29 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جىڭخۇا» ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ پېڭ): تاراتقۇلارنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزىنىڭ كۆلىمى 2011-يىلدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىگە قارىغاندا خېلى كۆپ ئاشقان بولۇپ، ئاز كەم بىر قاتلانغان. بۇ خەۋەر سىرتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 28-چېسلا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بىكىتىدە بۇ خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ ئېلان بېرىلدى، ئالاقىدار تاراتقۇلارمۇ ئۇنىڭغا تۈزىتىش بەردى ۋە بۇ توغرىلىق ناماقۇل بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شۇ تاراتقۇ «دۆلەت ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ئاساسىنى بىلىش مەقسىتىدە قىلغان تەكشۈرۈشىدە، يەرلىك قەرزنىڭ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكىدىن ئاز كەم بىر قاتلانغانلىقىنى بايقىدى» دېگەن تېمىدا ماقالە بېسىلىپ، دۆلەت ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش مەقسىتىدە 8-ئايدىن ھەزىرغىچە تەكشۈرۈۋاتىدۇ، بۇ ئىش ئاخىرلىشىش ئالدىدا. ھازىر، ھەرقايسى ئۆلكىلەر جەمىلەنگەن مەلۇماتلارنى ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتكەن ئىشخانىلىرىغا يوللاش ئالدىدا. ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزىنىڭ كۆلىمى 2011-يىلدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىگە قارىغاندا خېلى كۆپ ئاشقان بولۇپ، ئاز كەم بىر قاتلانغان.

  يۇقىرىقى خەۋەرگە نىسبەتەن، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمى، ھازىر ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى تېخى ئاياغلاشمىدى، ئاخىرقى مەلۇمات تېخى چىقمىدى. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر بولسا، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بېكىتىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ، دېدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر