باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېگىرىيەدىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئەتىگەندە ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نەچچە ئون ئوقۇغۇچى قازا قىلدى

2013.09.30 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېگىرىيەدە ئىسلام ئەسەبىي تەشكىلاتى دەپ گۇمان قىلىنغان بوك غازات قوراللىق ئۇنسۇرلىرى 29-سېنتەبىر ئەتىگەندە نېگىرىيەنىڭ شىمالىدىكى يوبې شىتاتىدىكى بىر ئالى مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 40 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

  ۋەقە يۈز بەرگەن يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يوبى شىتاتىنىڭ مەركىزى داماتۇرۇنىڭ جەنۇبىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، قوراللىق خادىملار ئەتىگەندە ئوقۇغۇچىلار ئۇخلاۋاتقاندا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىپ، كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  گابا ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ھايات قالغان ئوقۇغۇچىلار يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن قورقۇپ، ئارقا-ئارقىدىن نەق مەيداندىن ئايرىلدى. ھازىر ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشنى كۈتمەكتە.

  نېگىرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ، قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانىنى تېخى ئېلان قىلمىدى. دوختۇرخانا تەرەپتىن بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئاز دېگەندە 40 كىشى ھۇجۇمغا قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر