- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەييار ماي باھاسىنى چۈشەردى، ھەر لىتىر بېنزىننىڭ باھاسى 1 مو 8 تىيىن چۈشتى
2013.09.30 13:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (دۇ يەنفېي): بۈگۈن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر توننا بېنزىن ۋە دىزېل مېيىنىڭ باھاسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 245 يۈەن ۋە 235 يۈەن چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى، شۇنداق بولغاندا، 90 لىق بېنزىن ۋە 0 لىك دىزېل مېيىنىڭ (مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن) ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1مو 8 تىيىن ۋە 2 مو تۆۋەنلەيدۇ، تەڭشەلگەن باھانىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 24 تە بولىدۇ.
ئىگىلىشىمچە، بۇ قېتىمقى باھا چۈشۈشى يېڭى مېخانىزم ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق جىق چۈشۈش ھېسابلىنىدىكەن (ئەڭ جىق چۈشكەن ۋاقىت 4-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 24 تە بولۇپ، ھەر توننا بېنزىننىڭ باھاسى 395 يۈەن، دىزېل مېيىنىڭ باھاسى 400 يۈەن چۈشكەن) ، كەڭ ئىستېمالچىلار باھانىڭ چۈشۈشى بىلەن دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋەتلىك دەم ئالىدىغان بولدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر