- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدىكى تۇنجى جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانلىرى خاتىرە باغچىسى پۈتتى
2013.09.30 17:26 مەنبە: خەلق تورى
29-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، شىىنجاڭدىكى تۇنجى جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانلىرى خاتىرە باغچىسى پۈتتى ، باغچىغا دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 113 نەپەر شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانلىرىنىڭ تارىخىي ئىش-ئىزلىرى ئويۇلغان .
شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانلىرى خاتىرە باغچىسى ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ ئىچىگە قۇرۇلغان بولۇپ ، خاتىرىلەش مەيدانى ۋە خاتىرە ئابىدىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان .
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيوڭ شۈەنگو ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، نازىر جۇ چاڭجيې خاتىرە باغچىسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى .
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاپپار ھەبىبۇللا ، ليۇ يۈنلياڭ ، قەھرىمانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن بولۇپ جەمئىي 600 دىن ئارتۇق كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر