شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پىرېزىدېنت ئاتامبيايىف ئىككىمىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدۇق، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىر بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرگە يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ.