باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>چوڭ سەھىپىلەر>>يېڭى يېپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى>>يېڭىلىقلار

شى جىنپىڭ تاشكەنتكە يېتىپ بېرىپ ئۆزبىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2013.09.09 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- سېنتەبىر تاشكەنتكە يېتىپ بېرىپ، ئۆزبىكىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. شۇ يەر ۋاقتى سائەت 18دىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان تاشكەنت ئايرودرومىغا قوندى. ئۆزبېكىستان پرېزدېنتى كېرىموف، دىپلوماتىيە مىنىستىرى كامىلوف، تاشكەنت شەھىرىنىڭ باشلىقى ئوسمانوفلار شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى،خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. قەدىمىي يىپەك يولى بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ نەچچە يىلى ئىلگىرى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرغان ئىدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان21 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تىز راۋاجلاندى. ئەمەلىيەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنىڭ تامامەن توغرىلىقىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. مەن پرېزدېنت كېرىموف بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەمدە مۇھىم سىياسىي ھۆججەتلەرنى ئىمزالاشنى كۈتمەكتىمەن. ئىشىنىمەنكى بۇ قېتىمقى زىيارىتىم چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يېڭىدىن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ قازاقىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئالماتادىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تاشكەنتكە يېتىپ باردى. ئالماتادىن ئايرىلىش ۋاقىتدا قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى كىلىنبىتوف، ئالماتا شەھىرىنىڭ باشلىقى يېشىموفلار ئايرودرومىغا چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويدى.

  شى جىنپىڭ يەنە قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 13- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر