باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>دۇنيادىكى دۆلەتلەر

تۈركمەنىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

2013.09.04 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى
  [دۆلەت نامى] تۈركمەنىستان

  [دۆلەت بايرىقى] تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 5:3. تەگ رەڭگى يېشىل رەڭدە، بايراق تايىقىغا يېقىن تەرىپىگە بەش خىل گېلەم نۇسخىسى ئۈستىدىن ئاستىغا بىر قاتار قىلىپ،بەلۋاغسىمان ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بايراقنىڭ ئۈستى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىر ھىلال ئاي بىلەن 5 دانە يۇلتۇز بار بولۇپ، ئاي بىلەن يۇلتۇزنىڭ رەڭگى ئوخشاشلا ئاق رەڭدە. يېشىل رەڭ تۈركمەنلەر ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋېي رەڭ؛ ھىلال ئاي پارلاق كەلگۈسىنىڭ سېمۋولى؛ بەش يۇلتۇز ئادەمنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ ئىقتىدارى: كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش، تەم، تېگىشىش سەزگۈسىگە سېمۋول قىلىنغان. بەش يۇلتۇزنىڭ بەش چوققىسى كائىناتتىكى جىسىملارنىڭ بەش خىل شەكلى: قاتتىق، سۇيۇق، گازسىمان، كىرستالسىمان ۋە ئىئونلۇق ھالىتىگە سېمۋول قىلىنغان؛ گېلەم نۇسخىلىرى تۈركمەن خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي قارىشى ۋە دىنىي ئېتقادىنىڭ سېمۋولى. تۈركمەنىستان 1924-يىلى 10-ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولغان، 1953-يىلىدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بايرىقىنىڭ ئۈستىگە ئىككى تال كۆك رەڭلىك سىزىق چۈشۈرۈلگەن بايراقنى ئىشلەتكەن. 1991-يىلى 10-ئايدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، ھازىرقى بايراقنى ئىشلەتكەن.

  [مۇھىم بايراملىرى] دۆلەت بايرىقى كۈنى: 2-ئاينىڭ 19-كۈنى؛ مۇستەقىللىق كۈنى: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى(1991-يىلى)؛ بىتەرەپ كۈنى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى.

  [پايتەختى] ئاشىقئابات، نوپۇسى 680 مىڭ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپۇراتۇرىسى℃4.4، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپۇراتۇرىسى ℃27.2.

  [نوپۇسى] 6 مىليون 836مىڭ ( 2012-يىلى 9-ئاي). 120دىن ئارتۇق مىللەتتىن تەركىپ تاپقان. تۈركمەنلەرنىڭ نوپۇسى %94.7نى ئىگىلەيدۇ. تۈركمەنىستاندىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق خەلق ئىسلام دىنى ( سۈنئىي مەزھىپى)غا ئېتقاد قىلىدۇ، ھۆكۈمەت تىلى تۈركمەن تىلى، روس تىلى ئورتاق قوللىنىدىغان تىل ھېسابلىنىدۇ. 1927-يىلىدىن ئىلگىرى تۈركمەن تىلى ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلاتتى، كېيىن لاتىن يېزىقى قوللىنىلدى. 1940-يىلىدىن باشلاپ شېلىر ھەرىپى قوللىنىلدى. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسىمى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ، ئورۇس مىللىتى بىلەن يەمىنىيە مىللىتى پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ.

تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەت گىرىبى





  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى

${KEYWORD}