باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بەش يىلدا بىر ئەنگە ئالدۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىغا تۆۋەن چەك قويۇلىدۇ

2013.09.04 11:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقى مەسىلىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى، ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەپسىلىي شەرھلىدى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىجازەت ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، 2015-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىز ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە قەرەللىك ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.ئىگىلىشىمىزچە، 2011-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى جېجياڭ، خۇبېي ئۆلكىلىرىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ۋە قەرەللىك ئەنگە ئالدۇرۇش سىنىقى خىزمىتىنى ئالدىن باشلىغان. 2012-يىلى سىناقنى خېبېي، شاڭخەي، خەينەن، گۇاڭشى قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە كېڭەيتكەن. ئىسلاھات سىنىقىدا ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئىمتىھان تىزىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپلا قالماي، پىداگوگىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر بىۋاسىتە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە دەپ قارالماستىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سىناق خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى باقىۋەندە بولۇش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قەرەللىك ھالدا بەش يىلدا بىر ئەنگە ئالدۇرۇش يولغا قويۇلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل