‹‹ئېچىۋېتىش ، ئۆزئارا ئىشىنىش ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش ›› باش تېما قىلىنغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى بۈگۈن (2-سېنتەبىر) شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى .
قىرغىزىستان زۇڭلىسى ساتىۋالدىيېۋ ، تاجىكىستاننىڭ 1–مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەۋلاتوۋ ، موڭغۇلىيە بۈيۈك خۇلارنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گوڭچىگېدورجى ، ب د ت تەرەققىيات – پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كلارك ، نېپال پارلامېنتىنىڭ سابىق باشلىقى نېمۋاڭ قاتارلىق چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە سابىق سىياسىي ئەربابلار بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشتى .