باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، قىرغىزىستانغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى قىلىش ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېشكەككە يېتىپ كەلدى

2013.09.11 16:21   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، قىرغىزىستانغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى قىلىش ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېشكەككە يېتىپ كەلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بىشكەكتىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-چېسلا قىرغىزىستانغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى قىلىش ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار مۇدىرىيىتىنىڭ13-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېشكەككە يېتىپ كەلدى.

  شۇ جاي ۋاقتى 18 يېرىملاردا، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بىشكەك شەھىرىدىكى ماناس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتامبايېف، زۇڭلىسى ساتۇبالدىيېف قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمدا قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (دۇ شاڭزې، خۇاڭ ۋېندى، لىن شۆدەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز