باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قىرغىزىستاننىڭ باش مىنىستىرى ساتىبالدىيىف بىلەن كۆرۈشتى

2013.09.13 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بېشكەكتە قىرغىزىستاننىڭ باش مىنىستىرى ساتىبالدىيىف بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پىرېزىدېنت ئاتامبيايىف ئىككىمىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدۇق، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىر بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرگە يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆزئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، چېگرا ئېغىزى ۋە تاموژنا، تور ۋە كەسىپ ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. قىرغىزىستاننىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ساتىبالدىيىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتىشكە ئۇيغۇن. قىرغىزىستان جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرگە جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنى ياخشى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قوشنا رايونلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر