باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

قىرغىزىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

2013.09.04 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [دۆلەت نامى] قىرغىز جۇمھۇرىيىتى، قىسقارتىلىپ قىزغىزىستان دېيىلىدۇ.

  [دۆلەت بايرىقى] تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 5:3. بايراقنىڭ تەگ رەڭگى قىزىل. بايراقنىڭ ئوتتۇرىغا ئالتۇن رەڭ قۇياش ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قۇياشنىڭ ئوتتۇرىغا يەرشارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يۇمىلاق سىزما چۈشۈرۈلگەن. قىزىل رەڭ غەلبىگە، قۇياش يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىققا، يۇمىلاق سىزما دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىغا سېمۋول قىلىنغان. قىرغىزىستان 1936-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قالغان، 1952-يىلىدىن باشلاپ بەش يۇلتۇز ۋە ئورغاق، بولقا سۈرەتلەنگەن، ئوتتۇرىسى بىر ئاق سىزىقلىق، سىزىقنىڭ ئاستى-ئۈستى بىردىن كۆك سىزىقلىق قىزىل بايراقنى ئىشلەتكەن. 1991-يىلى 8-ئايدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن ھازىرقى بايراقنى ئىشلەتكەن.

  [دۆلەت گىرىبى] يۇمىلاق شەكىللىك. يۇمىلاق سىزما ئۈستىدە بۈركۈت قانات كېرىپ تۇرغان، بۈركۈتنىڭ ئارقا تەرىپى تاغ ۋە قۇياش، ئىككى تەرىپىگە بۇغداي باشىقى ۋە كېۋەز غوزىسى سۈرەتلەنگەن. دۆلەت گىرىبى ئۈستىگە «قىرغىز جۇمھۇرىيىتى» دېگەن خەت يېزىلغان.

  [مۇھىم بايراملار] خەلق ئىنقىلابى كۈنى: 3-ئاينىڭ 14-كۈنى؛ دۆلەت بايرىقى كۈنى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنى؛ نەۋرۇز بايرىمى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى؛ ئاساسىي قانۇن كۈنى: 5-ئاينىڭ 5-كۈنى (1995-يىلى)؛ ئارمىيە قۇرۇلغانلىق بايرىمى: 5-ئاينىڭ 29-كۈنى (1992-يىلى)؛ مۇستەقىللىق كۈنى: 8-ئاينىڭ 31-كۈنى (1991-يىلى).

  [دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى] زۇڭتۇڭ ئالماسبىك.ئاتامبېيېۋ 2011-يىلى 11-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 12-ئايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. بۇ ھەم باكىيىۋ ھاكىمىيىتى پارچىلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمى؛ زۇڭلى جانتورو.ساتىبالدىيېۋ، 2012-يىلى 9-ئا يدا سايلانغان.

  [نوپۇسى] 5 مىليون 474مىڭ (2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە). 80دىن ئارتۇق مىللەت بار، قىزغىزلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %71 ئىگىلەيدۇ، ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى % 14.3نى، رۇس مىللىتىنىڭ نوپۇسى %7.8 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت تىلى قىرغىز تىلى، ھۆكۈمەت تىلى رۇس تىلى. كۆپ سانلىق ئاھالە ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى