باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>چوڭ سەھىپىلەر>>يېڭى يېپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى>>يېڭىلىقلار

شى جىنپىڭ ئالماتادا قازاقىستان پرېزدېنتى نەزەر بايوف بىلەن كۆرۈشتى

2013.09.09 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-سېنتەبىر قازاقىستان پرېزدېنتى نەزەر بايوفنىڭ ھەمراھلىقىدا نەزەر بايوفنىڭ يۇرتى، قازاقىستاننىڭ 1-چوڭ شەھىرى، ئىقتىساد مەدەنىيەت مەركىزىي ئالماتادا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. پرېزدېنت نەزەر بايوف رەئىس شى جىنپىڭغا بولغان دوستلۇقىنى ئىپادىلەش ھەمدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئالماتاغا بېرىش تەكلىپىنى بەردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئايروپىلاندا ناشتىدا بىرگە بولدى. ناشتىدىن كېيىن چاي ئېچىپ، خۇشال كەيپىياتتا دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. ئىككى رەھبەر سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ،ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  چۈشتە شى جىنپىڭ ئالاتاۋ تېغىدىكى بىر تاماقخانىغا يېتىپ باردى. نەزەر بايوف ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلىگەن ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن تاماقخانا ئالدىدا شى جىنپىڭنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. ئۇلار زىياپەتتە كۆپ سۆزلەشتى. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆز ئارا دوستلۇقنى قەدىرلەيمىز؛ بۇنىڭدىن كېيىن ھەر خىل شەكىلدىكى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىمىز. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىي ياخشى يۈكسەلمەكتە. بىز ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىمىز.

  نەزەر بايوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگونىڭ جەزمەن بارلىق قىيىنچىلىق،توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بېكىتكەن نىشانغا قاراپ جەسۇرانە ئىلگىرىلىشىگە ئىشىنىمەن. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىنى بىرلىكتە پىلانلىدى؛ ئىككى تەرەپ بىر يۈرۈش مۇھىم سىياسىي ھۆججەتلەر ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ يىراققا نەزەر تاشلاپ ، ئەمەلىي ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولۇشى لازىم. خوشلىشىش ئالدىدا نەزەر بايوف شى جىنپىڭغا شۇ يەرنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ئالما سوۋغا قىلدى. ئۇ شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: ئالماتا قازاق تىلىدا ئالما ماكانى دېگەن مەنىدە،سىزنىڭ بۇ ئالمىنى بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. قازاقىستان جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىقىدا چوڭ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر