خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر ئاشخاباتتىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-چېسلا ئاشخاباتتا تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقى جۇڭگو-تۈركمەنسىتان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىنى ئورتاق پىلانلىدى، جۇڭگو-تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى. (دۇ شاڭزې، لىن شۆدەن خەۋىرى؛ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ خۇا فوتوسى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)