باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇق بېرىشنى ۋە يۈز نومۇر تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلىدى

2013.08.23 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىشىش توغرىسىدىكى 10 ماددىلىق بەلگىلىمە» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەسلىھەت ۋە پىكىر ئېلىنىدۇ. مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى «10 ماددىلىق بەلگىلىمە»نىڭ تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن.

  «10 ماددىلىق بەلگىلىمە»دە جايلار ئۆز ئەتراپىدىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىشنى قاتتىق يولغا قويۇش؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ھېچقانداق كىنىشكا ۋە ئىمتىھان دەرىجە گۇۋاھنامىسىنى ئاساس قىلماسلىق؛ ناھىيە، رايونلۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھەربىر باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، دائىرىسى، تەرتىپى، ۋاقتى ۋە نەتىجىسىنى تور بېكىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، بىرلىككە كەلگەن توردا تىزىملىتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پائال يولغا قويۇش؛ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپلارنى تەڭكەش ۋە ئىختىيارىي ئايرىش؛ ھەرقانداق نام بىلەن نۇقتىلىق سىنىپ، ئادەتتىكى سىنىپ دەپ ئايرىشنى قەتئىي چەكلەش؛ سىنىپقا ئايرىغاندا ئاتا-ئانىلار، مەھەللە ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  «10 ماددىلىق بەلگىلىمە»دە تاپشۇرۇق بېرىشكە قاتتىق تەلەپ قويۇلدى: باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچە تاپشۇرۇق بەرمەسلىك كېرەك. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، جايلار ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى مۇزېي، كۇتۇبخانا، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق جەمئىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى قۇربىتى يېتىدىغان جىسمانىي ئەمگەك، يېزا ئىگىلىك ئەمگەكلىرىگە تەشكىللىشى لازىم. بەلگىلىمىدە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، دەرىسلىك ئۆلچىمى بويىچە «نۆلدىن باشلاپ» دەرس ئۆتۈش لازىم، يۇقىرى ئوقۇش تەلىپى قويۇشقا، دەرس سۈرئىتى تېزلىتىشكە بولمايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل