رۇسىيەلىك ئېلىنا جېمىدوۋا ئىسىملىك ساياھەتچى بىر يىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇئا ئۆلكىسى يېڭى گۋىنېيە ئارىلغا بېرىپ، ئۈچ ھەپتە چارلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
بۇ جەرياندا، ئېلىنا ۋە ئۇنىڭ ھەمسەپەرلىرى يەرلىك ئاھالىنىڭ ھازىرمۇ تاش قوراللار دەۋرىدىكىدەك ئىپتىدائىي تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ جايدىكى ئۆيلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك دەرەخ قوۋزىقى ۋە دەرەخ يوپۇرمىقى بىلەن مەزمۇت دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە سېلىنغانلىقىنى كۆرگەن. يەرلىكلەر دەرەخ قوۋزىقى ۋە پالما يوپۇرمىقىنى ئىشلىتىپ، 6 ~ 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دەرەخنىڭ ئۈستىگە ئۆي ياساپ، كەلكۈن ۋە تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە دۈشمەنلىشىۋاتقان قوشنا قەبىلىلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلىنىدىكەن. قەبىلە ئاھالىلىرى كۈندىلىك ئوزۇقىنى ئورماندىن ئوۋلاپ كېلىدىكەن، ساگو پالمىسى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى ئىكەن. بىر تۈپ پالما دەرىخىدىن تەخمىنەن 200 كىلوگىرام كراخمال ئالغىلى بولىدىكەن، بۇ كراخمال قەبىلىنىڭ بىر ئاي يېيىشىگە يېتىدىكەن.
ئۇلار ھەتتا نەزىر-چىراغ قىلىش ۋە نوپۇسنىڭ جىنس نىسبىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن ، ئادەم گۆشى يېيىش ئادىتىنىمۇ ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنى ياكى يېڭى تۇغۇلغان ئاجىز بوۋاقلارنى ، بولۇپمۇ قىز بوۋاقلارنى يەۋېتىدىكەن.
قەبىلىنىڭ دەرىجە رەت تەرتىپىدە، ئەرلەر 1-ئورۇندا ، چوشقا ئىككىنچى ئورۇندا، ئاياللار 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن. قەبىلە ئەرلىرى شەپەرەڭنىڭ سۆڭىكى بىلەن ئۆزلىرىنى پەردازلايدىكەن. يەرلىك ئاھالىلەر بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ ئىسكىلىتىنى مۇقەددەس بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلاپ قويىدىكەن.
بۇ قېتىمقى رۇسىيە ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەر بۇ قەبىلىگە كەلگەن تۇنجى تۈركۈم ئاق تەنلىكلەر ئىكەن .