باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق 230 مىڭ ئوقۇغۇچى 300 نۆۋەتچى پويىزنىڭ ياردىمىدە يۇرتىغا بىخەتەر قايتىشتى

2013.07.19 08:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭغا بىخەتەر قايتىپ كەلگەن ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى

  مۇخبىرنىڭ 15-ئىيۇل شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 170 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەركەزنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئالتاي قاتارلىق 11 ۋىلايەت-ئوبلاستتىن تاللانغان 12 مىڭ نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 33 مىڭ نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 21 مىڭ نەپەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن تەربىيەلىنىدىغان ياش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە بىلىم ئېلىۋېتىپتۇ . نۆۋەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدە شىنجاڭغا بىخەتەر قايتىشى ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پويىزغا چىقىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس پويىزى كۆپەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان . تۆمۈريول تارمىقىدىكى ئالاقىدار رەھبەرنىڭ ئېيتىشىچە، 6-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش خىزمىتى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە