باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىناق قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ

2013.07.29 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاساس مائارىپ باشقارمىسىنىڭ خادىمى غېنى ۋەلىنىڭ 26 – ئىيۇل تونۇشتۇرۇشىچە، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بۇلتۇر سېنتەبىردىن باشلاپ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئالتاي، تۇرپان ۋە ئىلى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى 12 ناھىيە (شەھەر)دە سىناق قىلىنغان، بىر يىل جەريانىدا 20 باشلانغۇچ مەكتەپتىكى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان 6000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ھەپتىدە بىر سائەتتىن ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئاڭلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىل سانجى، تارباغاتاي، بورتالا، قۇمۇل، بايىنغولىن ۋە قىزىلسۇدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئورۇنلاشتۇرىدىغان سىناق مەكتەپلەرنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

  ئۇقۇشىمچە، ۋىلايەت، ئوبلاستلار سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان مەكتەپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە تەۋسىيە قىلىدىكەن، مائارىپ نازارىتى بۇنداق مەكتەپلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن بېكىتىدىكەن. جايلار 10 – سېنتەبىرگىچە تەۋسىيە قىلىنىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ماتېرىيالىنى مائارىپ نازارىتىگە يوللايدىكەن. مەكتەپلەر ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، موڭغۇل تىلى ۋە قىرغىز تىلى دەرسلىكى تەسىس قىلسا بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىل ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تەسىس قىلىش ئۆلچىمى›› بىلەن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قازاق تىلى دەرسلىكى تەسىس قىلىش ئۆلچىمى››نى تۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل