خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گرېتسىيە Orthoni ئارىلىنىڭ Ionian دېڭىزىدا فوتوگراف روبېرتو گيۇدىسى (Roberto Giudici ) ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ھەيران قالارلىق مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. بۇ مەنزىرىنى بەلكىم پۈتۈن ئۆمرىڭىزدە بىرلا قېتىم كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن، دېڭىزدا پەيدا بولغان بۇ تۆت قارا قۇيۇنغا ئادەم ھەيران قالىدۇ. خۇددى تەڭرىنىڭ سېھرىگە ئوخشايدىغان بۇ تۆت قارا قۇيۇن ئاستا-ئاستا ئاجىزلىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا بىر تەبىئەت ھادىسىسى.