باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

26 ياشلىق قىز «ئىچكى قىسىمدا سېتىلىدىغان ئۆي» بىلەن بىر يىلدا 68 كىشىنى ئالدىدى(1)

2013.07.31 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

پەن سۇڭۋۇ
  «ئۆي سېتىۋالامسىز؟ مېنىڭ قولۇمدا نۇرغۇن ئۆي بار...» 26 ياشلىق قىز خۇxx «ئەرزان قولاي، ئىچكى قىسىمدا سېتىلىدىغان تاۋار ئۆي سېتىۋالالايسىز» دېگەننى دەستەك قىلىپ، قاراماي شەھىرىدە بىر يىلدا ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ 68 كىشىنى ئالدىغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 8 مىليون 110 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا قاراماي شەھەرلىك ج خ تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، خۇxx، باxx، كۇxxلەر ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، تەپتىش ئورگىنى بۇ ئۈچ جىنايەت گۇماندارى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.

  26 ياشلىق خۇxx ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، مەلۇم بىر 4S دۇكىنىدا ئاپتوموبىل ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا ھاممىسىنىڭ ئوغلىغا ياردەملىشىپ بىر يۈرۈش ئەرزان قولاي ئۆي ئېلىپ بەرگەن.

  بۇ قېتىمقى ئۆي سودىسىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى ئارىسىدا خېلى نامى چىقىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن خۇxx ئۇرۇق–تۇغقان، دوست–بۇرادەرلىرىگە ئۆزىنىڭ مەلۇم ئۆي – مۈلۈك شىركىتىنىڭ رەھبىرىنى تونۇيدىغانلىقى، ئىچكى باھادا ئۆي سېتىۋالالايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

  قاراماي شەھەر ئاھالىسى باxx، كۇxx ئەر – خوتۇنلار باشقىلاردىن خۇxxنىڭ يولى بارلىقىنى ئاڭلاپ، 2011 – يىلى 11 – ئايدا خۇxxنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ قولىغا 150 مىڭ يۈەن پۇل تۇتقۇزۇپ، خۇxxتىن مۇشۇ پۇلغا ئۆزلىرىگە ئەرزان قولاي ئۆي ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل