باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بەش تارماق مائارىپتىكى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزىدى

2013.07.26 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، جايلار «بىر پەنگە بىر يېتەكچى بولۇش» يېڭى مېخانىزمىنى يولغا قويۇشى كېرەك

  □ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلىسا، يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز قىلىنىدۇ

  □ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرى جەمئىيەتكە «نۆل نۇقتىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بېرىشى لازىم

  □

  "مەكتەپ ئىچىدە مەكتەپ بولۇش" قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش نامىدا قالايمىقان ھەق ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە «2013-يىللىق مائارىپ ھەققىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مائارىپتىن قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مائارىپتىن قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزىدى. «پىكىردە» مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى، ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەقسىملەپ بېرىش نىسبىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش لازىم. ئۆرلەپ ئوقۇشقا دەستىكى قىلىۋېلىنغان پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش قىلمىشى، ئارتۇقچىلىق بار ئوقۇغۇچى نامىدا قالايمىقان ھەق ئېلىش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر نامىدا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت، ئالاقىدار تارماق ۋە مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق نامدا ئۆرلەپ ئوقۇشقا دەستەك قىلىنىدىغان پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش لازىم. ئۆرلەپ ئوقۇش دەستىكى قىلىنىدىغان «ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى» قاتارلىق تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزەش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە