باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

26 ياشلىق قىز «ئىچكى قىسىمدا سېتىلىدىغان ئۆي» بىلەن بىر يىلدا 68 كىشىنى ئالدىدى(2)

2013.07.31 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 كۈندىن كېيىن، خۇ xx باxxكە كوئېنلۇن گۈللۈكىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. باxx ئەر – خوتۇنلار خۇش بولۇپ يېڭىدىن بېزەپ قويۇلغان ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن.

  بىراق نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۆينىڭ ئىگىسى باxx ئەر – خوتۇنلاردىن ئۆي ئىجارىسىنى سۈيلەپ كەلگەن. باxx ئەر – خوتۇن شۇ چاغدىلا خۇxxنىڭ ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي بىلەن ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

  بۇ چاغدا خۇxx باxxنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بەرگەن 150 مىڭ يۈەن پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. شۇنىڭ بىلەن خۇxx باxxكە ھەمكارلىشىپ ئۆي سودىسى قىلىش تەكلىپىنى قويغان ھەم باxxكە قىسقا ۋاقىتتىلا 150 مىڭ يۈەندىنمۇ كۆپرەك پۇل تېپىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

  خۇxx باxx ئەر – خوتۇنغا ئەرزان قولاي ئۆي سېتىۋالىدىغانلاردىن ھەر بىر ئۆي ئۈچۈن ئاز دېگەندە 100 مىڭ يۈەن ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل ئېلىپ، ئۇنىڭ 70 مىڭ يۈەنىنى ئۆي – مۈلۈك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ، قالغان 30 مىڭ يۈەنىنى تەڭ بۆلۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  باxx ئەر – خوتۇن خۇxxنى راستىنلا ئۆي سېتىۋالالايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۆزلىرىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، 2011 – يىلى 11 – ئايدىن باشلاپ تەرەپ – تەرەپتىن ئۆي سېتىۋالىدىغانلارنى ئىزدەشكە كىرىشكەن ھەم بۇ كىشىلەر خۇxxكە تاپشۇرىدىغان ئالدىن تۆلىنىدىغان پۇلدىن تاپان ھەققى ئېلىشقا باشلىغان.

  ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، باxx ئەر – خوتۇن 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن نەپ ئالغان.

  ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، خۇxx ئۆي سېتىۋېلىش پۇلى تاپشۇرۇلسىلا ئۆي سېتىۋېلىش توختامىنى تېزلا قولغا ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغانچىلىق قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆي سودىسى توختامنامىسى ئىشلىتىپ، توختام قەغىزىگە قاراماي شەھەرلىك مەلۇم ئۆي – مۈلۈك شىركىتى نامىدىكى ساختا تامغىنى باستۇرغان. يەنە قاراماي شەھىرى مەلۇم بىر مەھەللىدىن ئون يۈرۈش ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغۇچىلار كەلسە، ئۇ خېرىدارلارغا مۇشۇ ئۆيلەرنى كۆرسەتكەن.

  شۇنداق قىلىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلار نەق پۇللىرىنى خۇ xx كە تاپشۇرۇشقا باشلىغان. خۇxxنىڭ بۇ زور ئالدامچىلىقى 2012 – يىلى 11 – ئايغا كەلگەندە ئاندىن بايقالغان، چۈنكى بەزى ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئەرزان قولاي ئۆي سېتىۋېلىشقا ئالدىن پۇل تۆلىگەندىن كېيىن، خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئۆينى قولىغا ئالالماي، قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلغان.

  2012–يىلى 15–نويابىر ج خ خادىملىرى ئۈرۈمچىدە خۇxxنى قولغا ئالدى.

  دېلو بېجىرگەن ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خۇxx ئالداپ ئېلىنغان پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مېھمانساراينىڭ نەچچە مىڭ يۈەنلىك زۇڭتۇڭ ياتىقىنى يېرىم ئايلىق ئېلىۋالغان؛ دائىم نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك ئايالچە سومكىلار، 4800 يۈەنلىك ئاياغلار، نەچچە مىڭ يۈەنلىك زىننەت بۇيۇملىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن. خۇxx يېقىن – يىراق دېمەي ئالدامچىلىق قىلغان، ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرىمۇ ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل