باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زەھەرلىك جۇۋاۋا دېلوسى ھەققىدە شىجاجۇاڭدا سوت ئېچىلدى

2013.07.31 14:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-ئىيۇل، 10 ياپونىيەلىكنى زەھەرلەندۈرگەن شىجاجۇاڭ تيەنياڭ يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ زەھەرلىك جۇۋاۋا دېلوسى خېبېي ئۆلكىسى شىجاجۇاڭ شەھىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق سوت ئېچىلىپ قاراپ چىقىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە: ياپونىيە ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئەمگەك ۋازارىتى 2008-يىلى 30-يانۋار چۈشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق جۇڭگو دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىغا ياپونىيە ئىستىمالچىلىرىنىڭ شىجاجۇاڭ تيەنياڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان تېز توڭلىتىلغان جۇۋاۋىنى يەپ زەھەرلەنگەنلىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان. شۇ كۈنى، ياپونىيە تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2007-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىدىن 2008-يىلى 22-يانۋارغىچە، ياپونىيەنىڭ چىبا ۋە خېيگو ئۆلكىسىدىكى ئۈچ ئائىلىكتىكى 10 كىشى، جۇڭگونىڭ خېبېي ئۆلكىسى شىجاجۇاڭ تيەنياڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان تېز توڭلىتىلغان جۇۋاۋىنى يېگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق زەھەرلەنگەنلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل