باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت تۈركىيەنىڭ سۇمالىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2013.07.31 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 29-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سۇمالىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ 27-ئىيۇل تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سۇمالىدىنىڭ پايتەختى مۇقدىشۇدىكى تۈركىيەنىڭ باش ئەلچىخانىسىنىڭ بىر ئاساسلىق ئىمارىتى 27-ئىيۇل ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە يارىلانغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ ھەمدە دىپلوماتىيە ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىغا زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدۇ.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە دىپلوماتىيە كونسۇلخانا تۇرۇشلۇق جايلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشقا بولماسلىق تۈپ پرىنسىپى ۋە كونسۇلخانا تۇرۇشلۇق دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى قايتا تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل