باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن لىۋان ئاللا پارتىيەسىگە ‹‹ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ››؟ (1)

2013.07.30 17:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ۋە ئىران ھۆكۈمىتى 23 – ئىيۇل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ ھەربىي تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلەپ: بۇ قارار ئاللا پارتىيەسىنىڭ مەيدانى ۋە ئورنىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەمما ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تەدبىرىنى سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ سىرتقا يامرىغانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا، تىغ ئۇچىنى ئاللا پارتىيەسىگىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سۇرىيە ۋە ئىران ھۆكۈمىتىگە قاراتقان دەپ قاراشقا بولىدۇ، دېدى. بىراق، بىر قانچە جەھەتتىكى ئامىل چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ قارارنىڭ سىمۋوللۇق تەسىرى كۆپرەك بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئۈنۈمى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن.

  تىغ ئۇچى سۇرىيەگە قارىتىلغان

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىغا ئاساسلىقى بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللا پارتىيەسى قوراللىقلىرىنى بۇلتۇر بۇلغارىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، بۇ ۋەقەدە بەش ئىسرائىلىيەلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ساياھەتچى قازا قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەب بولغان. ئەمما ئاللا پارتىيەسى بۇ ئىشنى بىز قىلمىغان، دېدى.

  تەھلىلچىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىگە قاراپلا ئاللا پارتىيەسى ھەربىي تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلات قاتارىغا مەجبۇرىي كىرگۈزگەن، تېخىمۇ مۇھىمى بۇنىڭغا ئاللا پارتىيەسىنىڭ يېقىندىن بۇيان سۇرىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئوينىغان رولى سەۋەب بولغان، دېدى. يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى جەڭدە ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ قىلدى، بۇ زور ئۆزگىرىش بەشىر ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان ئاللا پارتىيەسى قوراللىق كۈچىنىڭ سۇرىيەگە كىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: سۇرىيە – لىۋان چېگراسىغا يېقىن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم بازار قۇسەيرنى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئاللا پارتىيەسىنىڭ ياردىمى بىلەن قايتۇرۇۋالغان.

  ئاللا پارتىيەسىنىڭ ‹‹ۋەزىيەنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى››دىن بەشىر ھاكىمىيىتىگە قارشى مەيداندا تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى قاتتىق نارازى بولدى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون يېقىندا: سۇرىيە توقۇنۇشى ‹‹خاتا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ››، ئەھۋال ‹‹كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ›› دېگەن.

  كامېروننىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى شۇكى، سۇرىيە ۋەزىيىتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلمىغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بۇرۇنلا ئاللا پارتىيەسىنى تېررورلۇق تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، سۇرىيە ۋەزىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاللا پارتىيەسىگە ‹‹ئەگىشىش›› پوزىتسىيەسى قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى سىمون پېرېس بۇ يىل 3 – ئايدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغاندا ئاللا پارتىيەسىنىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتىگە قول تىققانلىقىنى ئەيىبلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاللا پارتىيەسىنى تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنى مۇراجىئەت قىلغانىدى.

  قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇ مەسىلە توغرىسىدىمۇ ئوخشاشمىغان پىكىرلەر بار. مەسىلەن: فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۇلار: ئاللا پارتىيەسىنىڭ لىۋاندا تەسىرى ناھايىتى زور، بۇ قارار لىۋاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ھەم لىۋاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى داۋالغۇتۇشى مۇمكىن، دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل