باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن لىۋان ئاللا پارتىيەسىگە ‹‹ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ››؟ (2)

2013.07.30 17:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان ئاللا پارتىيەسى 1982 – يىلى 6 – ئايدا ئىسرائىلىيە لىۋانغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى قوراللىق تەشكىلات ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن بولغان بىر نەچچە قېتىملىق كەسكىن جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن. شۇڭا مەزكۇر پارتىيەنى لىۋاندا قوللايدىغانلار كۆپ، لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىمۇ ئۇلارنىڭ ئەزالىرى بار. ئاللا پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭمۇ خېلىلا ئەمەلىي كۈچى بار بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى لىۋان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدىن قېلىشمايدىكەن.

  سۇرىيە داۋالغۇشىنىڭ تەسىرىدىن يېقىندىن بۇيان لىۋاننىڭ جىددىي ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى. سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغان سۈننىيلەر قوراللىقلىرى بىلەن سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى قوللايدىغان شىئەلەردىن بولغان ئاللا پارتىيەسى قوراللىقلىرى كۆپ قېتىم توقۇنۇشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق چاغدا ئاللا پارتىيەسىگە قول سېلىشى لىۋاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشىمىغان مەزھەپلەر ئارا تىركىشىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

  فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يەنە ئاللا پارتىيەسىنى جازالىغاندا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن لىۋاندىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا قاتناشقان خادىملىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ خادىملار لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئىسرائىلىيەگە يېقىن جايدىكى چېگرا رايوندا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ جاي دەل ئاللا پارتىيەسىنىڭ بازىسى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قانچە تەرەپنى نەزەرگە ئېلىپ بۇ قېتىم ئاللا پارتىيەسىنى پۈتۈنلەي تېررورلۇق تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزمەي، پەقەت ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ھەربىي تەشكىلاتنىلا ‹‹قارا تىزىملىك››كە كىرگۈزۈپ، ئاللا پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ھەربىي تەشكىلاتتىن پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  تەسىرى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارى بىر مەسىلىنى پەيدا قىلدى، يەنى جازانى ئىجرا قىلىش نۇرغۇن قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. لىۋاننىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جامۇس فاللون مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ‹‹مەۋجۇت بولمىغان رەسمىي پەرقى بار نەرسىنى پەرقلەندۈردى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بەرگەن مەبلەغنى ئاللا پارتىيەسى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە سىياسىي ئىشلارغا ئىشلەتتى. بەزى ئەھۋاللاردا بىر قىسىم مەبلەغ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن››.

  ئاللا پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بۇلتۇر: ئاللا پارتىيەسى ئاتالمىش ھەربىي تەشكىلات ۋە سىياسي تەشكىلاتقا ئايرىلمايدۇ، دېگەنىدى.

  لىۋاننىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى رامىي خورىي مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، ئاللا پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەبلىغىنى ئىران، سۇرىيە بېرىدۇ. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى كۆپرەك، بۇ ئاللا پارتىيەسىنىڭ ئوبرازىغا بېرىلگەن بىر قېتىملىق زەربە بولۇپ، ئاللا پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى ھەرىكىتىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  رايون قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى تاغنى تەۋرىتىپ يولۋاسنى چۆچۈتۈش؛ سۇرىيە مەسىلىسىدە بەشىر ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ قامال قىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان تاشقى بېسىمنى زورايتىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىرانغا رايون ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بولۇشى مۇمكىن. بىراق، سۇرىيە ۋە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىدىن قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھېچقانداق ئەمەلىي رول ئوينىمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ لىۋان ئاللا پارتىيەسى بىلەن بولغان ‹‹چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن›› مۇناسىۋىتى ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل