باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساياھەت

قاناس كۆلى «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل گېئولوگىيە باغچا» لار ئىچىدە 7 - ئورۇندا تۇرىدۇ

2013.07.31 18:24         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل گېئولوگىيە باغچىسى»نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئامما بېلەت تاشلاش باسقۇچى يېقىندا تاماملاندى . بىر ئاي بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ، 37 مىليون تورداش ۋە ساياھەتچى تاللاپ چىققان پۈتۈن مەملىكەتتىكى 102 گېئولوگىيە باغچىسىدىن 60 ى نامزاتلىققا كىرگۈزۈلدى، شىنجاڭ قاناس كۆلى 7–ئورۇندا تۇرىدۇ .

  قاناس كۆلى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تەبىئىي شارائىتى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە . ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئالاھىدە ، تەبىئىي مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ، دەم ئېلىش ، فوتوسۈرەت ئەسەرلىرىنى يارىتىشتىكى مەنزىرىلىك جاي . بۇ باغچا 2000–يىلدىن بۇيان ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون چوڭ كۆل، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل 10 چوڭ كۈز مەنزىرىسى رايونى قاتارلىق 10 تۈرلۈك شەرەپ ۋە داڭلىق ماركىغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى