باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ھەرقايسى دۆلەت بالىلىرى تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ

2013.07.12 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كانادا

  يازلىق لاگېر-كانادادىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىللىك پائالىيىتىدىكى ئالدىن تاللىشى ھېسابلىنىدۇ. كانادادا يازلىق لاگېرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ۋاقتى بىر ھەپتىدىن بىر ئايغىچە ئوخشاش بولمايدۇ. يازلىق لاگېردا سۆز ئۈزۈش، تاغقا يامىشىشىش، سەنئەت، مۇزىكا، پۇتبول، ئاتقا مىنىش، كومپيوتېر، ئېكىسپىدېتسىيە قاتارلىق خىلمۇ-خىل تۈرلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن.

  كورىيە

  كورىيەدە، باشلانغۇچ مەكەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتىلدە مەكتەپ تەشكىللەپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىغا بارىدۇ ياكى دالىلارنى يېرىپ تاغقا يامىشىدۇ، سۇ ئۈزىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇلار كوللېكتىپ روھنى يېتىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق «قەيسەر» بولۇشتەك مىللىي خاراكتېر يېتىلدۈرىدۇ. كورىيەدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ تەتىلدىن پايدىلىنىپ چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش، ئۈگىنىش پائالىيىتى بىر قەدەر كەڭ تارقاتقان.

  ئامېرىكا

  ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ تەتىل كۈنلىرى ناھايىتى ئەركىن-ئازادە ئۆتىدۇ. تەتىلدە ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭكىگە ئاپىرىپ، ھەر خىل يىغىلىشلارغا قاتناشتۇرىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە، بالىلار چوقۇم كىشىلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىشنى، شەيئىلەرنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۈگىنىشى كېرەك. تەتىلدىكى يىغىلىشلار بولسا بۇنىڭغا ياخشى پۇرسەت بولالايدۇ.

  ئاۋستىرالىيە

  ئاۋستىرالىيەدە، يېشى 14 ياش 9 ئايدىن ئاشقان بولسىلا ئىشلەمچىلىك قىلسا بولىدۇ، شۇڭا بەزى ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ. ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ئىش ئورۇنلىرىمۇ ئۇلارنى چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە