باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بوغدا كۆلى» سەيلىگاھى ساياھەتچىلەرگە 2 مىليون يۈەن قىممىتىدە ئېتىبار كارتىسى تارقىتىدۇ

2013.07.24 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 21-ئىيۇل «بوغدا كۆلى» سەيلىگاھىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، تەڭرىتاغنىڭ «دۇنيا تەبىئىي مىراس» قاتارىغا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن، بۇ سەيلىگاھ ساياھەتچىلەرگە 2 مىليون يۈەن قىممىتىدە ئېتىبار كارتىسى تەييارلىغان بولۇپ، سەيلىگاھتىن ئىشىك بېلىتى سېتىۋالغان ساياھەتچىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېتىبار كارتىسى «بوغدا كۆلى» سەيلىگاھىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنى، ئۈرۈمچى «تيەنجى» سارىيى «بوغدا كۆلى» خەلقئارا تىجارەت بۆلۈمى قاتارلىق جايلاردا تارقىتىلىدىكەن. بۇ ئېتىبار كارتىسىنى ئالغانلارغا «بوغدا كۆلى» سەيلىگاھىدىكى ئەسلىي باھاسى 45 يۈەنلىك سەيلە كېمىسىدە 15 يۈەن، ئەسلىي باھاسى 70 يۈەنلىك قازاق مەنزىرىسى سەيلىگاھىدا 20 يۈەن ئېتىبار قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە