باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 4 ئاتاقلىق ئۇسسۇل سەنئىتى پېشىۋالىرى شىنجاڭ مۇزېيىدا دەرس سۆزلىدى

2013.07.24 17:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 10دا، «ھايات مېلودىيىسى ـــ خەلقئارا ئۇسسۇل پېشىۋالىرى دەرسى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئىلم-پەن دوكلات زالىدا باشلاندى. 300دىن كۆپرەك تاماشىبىن كېلىپ دەرس ئاڭلىدى.

  شۇ كۈنى ئۇسسۇل دوكتورى، جۇڭگو سەنئەت تەتقىقاتخانىسى ئۇسسۇل تەتقىقاتى ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى، ماگىستىر يېتەكچىسى جياڭ دۇڭ تۇنجى بولۇپ لېكسىيە سۆزلىدى، ئۇ دۇنيا ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، 5 قىتئەدىكى 40 نەچچە دۆلەتنى ئايلىنىپ، ھەرخىل خەلقئارالىق ئۇسسۇل پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن سىرت، شۇ كۈنى يەنە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشكەن مۇتەخەسىس، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇسسۇل ئىشلىگۈچى ۋە رېژىسسور، شىنجاڭ سەنئەت تىياتىرخانىسى ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخىرىي رەئىسى كۈرەش رەجەپمۇ لېكسىيە سۆزلىدى، ئۇ«مۇز تاغدىكى گۈلخان»، «كاچۇڭ سەنىمى»قاتارلىق 40 نەچچىدىن ئارتۇق كىچىك تىپتىكى سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى لېكسىيەدە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 4 ئۇسسۇل سەنئىتى پېشىۋاسى دەرس سۆزلەيدىكەن.

  مۇخبىر: ليۇ چىڭ

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار